سەئۇدى ئەرەبىستانى 6-ئايدا نېفىت مەھسۇلاتىنى يەنىمۇ ئازايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ 11 -كۈنى، ھازىر بار بولغان مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىش كېلىشىمى ئاساسىدا، 6 - ئايدا يەنە كۈنىگە بىر مىليون تۇڭ نېفىت مەھسۇلاتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەقسىتى، بۇ قېتىم مەھسۇلاتنى ئازايتىش ئارقىلىق نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئازايتىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نورمىدىن سىرت مەھسۇلاتنى ئازايتىپ،يەر شارى نېفىت بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ