زىمبابۋې زۇڭتۇڭى: جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى زىمبابۋېنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم ياردەم ئېلىپ كېلىدۇ

2020.05.14 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 12- كۈنى زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇنانگاگۇۋا (كېيىنكى رەتتىكى سولدىن 5-) خارارېنىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگو (خۇنەن) يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مۇنانگاگۇۋا 12- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو (خۇنەن) يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ كېلىشى زىمبابۋې ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مۇھىم ياردەم بېرىدۇ. مۇنانگاگۇۋا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى قارشى ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ