ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى

2020.05.11 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا نيۇيورك «ۋاقىت گېزىتى» مەيدانىدا، ماسكا تاقىۋالغان بىر يولۇچى چوڭ يولدىن ئۆتمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 9-ماي ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى سانى 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشقان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 9-ماي سائەت 15 تىن 32 مىنۇت ئۆتكىچە (بېيجىڭ ۋاقتى 10-چېسلا سائەت 3 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر)، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى سانى 1 مىليون 300 مىڭ 79غا يەتكەن، جەمئىي 78 مىڭ 320 بىمار ئۆلگەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار ۋە ئۆلگەنلەر سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ