مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتى --

زوراۋانلىق نەچچە ئون مىليونلىغان بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشىگە زامىن بولدى

2020.05.11 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى «يۇرتىدا ئېزىپ قېلىش» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشلارنىڭ بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشىگە زامىن بولۇش مەسىلىسىنى خۇلاسىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىنى بايان قىلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار ئەسكەرتىلدى: دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئاپەت ئالدىدا تالاش-تارتىشنى توختىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق تىرىشىپ قوغداپ، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈش ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2019- يىلىغا قەدەر، يەر شارىدا تەخمىنەن 19 مىليون بالا ھەر خىل توقۇنۇشلار ۋە ئاپەتلەر سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. دۆلەت ئىچىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلار مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشەلمىگەن، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى كەمچىل بولۇپ، ئۇلار ئائىلىنىڭ ئايرىۋېتىشى، باشقىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشى، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى، خورلىشى ۋە ئېلىپ سېتىشى دېگەندەك زىيانكەشلىكلىرىگە ئاسانلا ئۇچراپ كەلگەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى.

  بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى فول مۇنداق دېدى: سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلار ئاسانلا زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ، مۇساپىرلار لاگېرى ياكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونى قاتارلىقلار ئادەتتە ئادەم بىلەن تولۇپ كېتىدۇ، تېگىشلىك سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى كەمچىل بولىدۇ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا يېتەرلىك ئارىلىق ساقلاش تەس، بۇنداق ئەھۋالدا كېسەللىك تارقىلىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى كۆپىيىدۇ. فول يەنە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپاراتلىرىنى ئۇلارنىڭ چوقۇم ئورتاق تىرىشىپ، بالىلارنىڭ سەرگەردان بولۇپ يۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ