4- ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %14.7كە يەتتى

2020.05.09 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ماي، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە تاقالدى. ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى 8- چېسلا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4- ئايدا ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %14.7كە يېتىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ئىقتىساد كاساتلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ