ئۆزبېكىستاندا يۇقۇم ئەھۋالىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش تەدبىرلىرى تەدرىجىي بوشاشتۇرۇلدى

2020.05.09 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە، بىر ھۈنەرۋەن ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى، قول ھۈنەرۋەنلەر، سودا بانكىلىرى، سۇغۇرتا شىركەتلىرى، ماشىنا زاپچاسلىرى دۇكىنى، ئىلگىرى ۋاقتىنچە توختىتىلغان مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەردە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىندى. ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيوف 5-ماي، ئىقتىسادىي تۇرمۇشتىكى ئايرىش چەكلىمىسىنى تەدرىجىي بوشاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە مۇلازىمەت كەسپىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئاممىۋى پائالىيەت ۋە ئاممىۋى قاتناشقا بولغان چەكلىمە يەنىلا بىر مەزگىل ساقلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ