مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھىندىستاننىڭ بومبايدىكى بىر تۈرمىدە يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى

2020.05.08 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ ماخاراشترا شىتاتىنىڭ ئەمەلدارى 7- ماي مەزكۇر شىتاتنىڭ مەركىزى بومبايدىكى بىر تۇرمىدە يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىروس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتتى.

  ماخاراشترا ئىشتاتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شۇ كۈنى كەچتە تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بومبايغا جايلاشقان ئارشۇر تۈرمىسىدە يېقىندا 103 ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 26سى تۈرمە باشقۇرغۇچى خادىم.

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلار خەۋەرچى زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، بۇ تۈرمىدىكى بىر جىنايەتچى ۋە ئىككى تۈرمە ساقچىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ئۇدا ئىككى كۈن تۈرمىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ھازىر يۇقۇملانغۇچىلار ئايرىۋېتىلدى ھەمدە 8- چېسلا ئەتىگەندە يېقىن ئەتراپتىكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئاپىرىپ داۋالىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ