مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىلا ئاللىقاچان دۇنيادا كەڭ تارقالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن

2020.05.08 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنستىتۇتى 6- ماي ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالىملارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىرسىيەت كۆپ خىللىقى تەھلىلى شۇنى كۆرسەتكەنكى، بۇ خىل ۋىرۇس 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادا كەڭ تارقالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ ئالىملىرى باشلامچى بولۇپ كوللىكتىپ ھالدا پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن توپلاپ يىغىۋېلىنغان 7500دىن ئارتۇق ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلدى. تەتقىقاتچىلار شۇ ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىدىكى 198ىنىڭ ئىلگىرى تەكرار ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، ھەمدە ئۇ ۋىرۇسنىڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدا قانداق ئۆزگىرىشى ھەمدە ئىنسانلاردىن ئىبارەت پارازىت ئىگىسىگە قانداق تەدرىجىي ماسلىشىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. نەتىجىدە، ئۇ تەتقىقاتچىلار بۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئوخشاش بىر ئەجدادىنىڭ 2019- يىلىنىڭ ئاخىرىدىلا پەيدا بولغانلىقى، ھەمدە بۇ ۋاقىتنىڭ دەل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلار پارازىت ئىگىسىگە يېتىپ بارغان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنىستىتۇتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۈر تەتقىقات نەتىجىسى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئۈنۈملۈك ھالدا ۋاكسىنا ۋە دورا ئىزدەشنى يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىگەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ تارقىلىشى تەكشى ئەمەس ئىكەن، ۋىرۇس گېن گۇرۇپپىسىدىكى بەزى قىسىملىرىدا كۆزگىرىش كۆپ بولمىغان، بۇ رايونلار ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىقاتىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى نىشان ئىكەن. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورلىرىدىن بىرى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى فرانسوۋا بارۇ مۇنداق دېدى: ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشتا، بىر ئاساسلىق خىرىس شۇكى، ناۋادا ۋىرۇستا ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، ۋاكسىنا ياكى دورىنىڭ ئۈنۈمى بولماسلىقى مۇمكىن.

  تەتقىقات دوكلاتى «يۇقۇملىنىش، ئىرسىيەت ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات» ژۇرنالىدا بېسىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ