مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالجىرىيەدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۆت نەپەر جۇڭگو پۇقراسى قازا قىلدى

2020.05.07 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالجىرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ۋالگرا ئۆلكىسىدە 5-ماي قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت جۇڭگو پۇقراسى قازا قىلدى.

  خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 5-ماي چۈشتىن بۇرۇن، بىر پىكاپ بىلەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى ۋالگرا ئۆلكىسىنىڭ ۋالگرا شەھىرىدىكى بىر يول ئېغىزىدا سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، پىكاپ ئىچىدىكى تۆت جۇڭگو پۇقراسى قازا قىلغان.

  جۇڭگونىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قازا قىلغان تۆت كىشى جۇڭگو مەبلىغىدىكى بىر شىركەتنىڭ ۋالگرا ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئىشچىلىرى ئىكەن. ھازىر قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتى شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. جۇڭگونىڭ ئالجىرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى شۇ جايدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ سەپەرگە چىققاندا قاتناش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  ئالجىرىيەنىڭ قاتناش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ