مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىنگاپوردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سانى يەنىلا يۇقىرى سالماقنى ساقلاپ كەلمەكتە

2020.05.06 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىنگاپور سەھىيە مىنىستىرلىقى 4- مارت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شۇ كۈنى چۈش ۋاقتى سائەت 12 گىچە، سىنگاپوردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار تىزىملىكىگە يېڭىدىن يەنە 573 بىمار كۆپەيگەن بولۇپ، بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى جەمئىي 18 مىڭ 778 گە يەتتى؛ يەنە 49 بىمار داۋالاپ ساقايتىلدى، دېمەك، ساقايغانلار تىزىملىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كىشىلەر بىلەن قوشقاندا، جەمئىي 1457 بىمار داۋالاپ ساقايتىلدى؛ جەمئىي 18 ئادەم قازا قىلدى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەر ئىچىدە بەشى مەھەللىدە يۇقۇملانغان بولۇپ، بەشى سىنگاپور پۇقراسى ياكى مەڭگۈلۈك ئاھالىسى ئىكەن. سەھىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەرنىڭ %89ى يۇقۇملانغۇچىلار توپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، باشقىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى تېخى ئېنىقلانمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ