مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جونس خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى جەمئىي 1 مىليون 200 مىڭدىن ئاشتى، دېدى

2020.05.06 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 5-ماي ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئاشقان.

  ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 5-ماي سائەت 18 (بېيجىڭ ۋاقتى 6-ماي سائەت 6)گىچە تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 1 مىليون 201 مىڭ 337 نەپەرگە يەتكەن، جەمئىي 70 مىڭ 646 ئادەم ئۆلگەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە ئۆلگەنلەر سانى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نيۇيورك ئىشتاتى ئامېرىكا بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، جەمئىي 321 مىڭ 192 نەپەر بىمارنىڭ يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، جەمئىي 25 مىڭ 73 ئادەم ئۆلگەن. يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا جەمئىي 130 مىڭ 593 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، 8244 ئادەم ئۆلگەن. يەنە ماسساچۇسېتس ئىشتاتى، ئىللىنوئىس ئىشتاتى، كالېفورنىيە ئىشتاتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 50 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ