مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەكىتلەپ، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە «ئىلىم-پەننى مەركەز قىلىش كېرەك» دېدى

2020.05.06 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى 4- مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە سىياسىي مەقسەتنى ئەمەس، «ئىلىم-پەننى مەركەز قىلىش» كېرەك.

  ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن كەلگەنلىكىنى دېدى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مايكول رۈيئەن مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرەپتىن تەمىنلەنگەن ھېچقانداق ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ياكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالمىدى. رۈيئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم، لېكىن ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە «ئىلىم-پەننى مەركەز قىلىش»قا، يەنى ئالىملارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ