ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتى جۇڭگونىڭ داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى

2020.04.30 18:20 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتىنىڭ ۋىلسونۋىلدا، ئورېگون ئىشتاتىنىڭ ۋەكىلى (ئوڭ تەرەپتە) جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى ئىئانە قىلغان ماسكىلارنى قوبۇل قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئورېگون ئىشتاتىنىڭ ئەمەلدارى 28-ئاپرېل جۇڭگو فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ بۇ ئىشتاتقا داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئورېگون ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كايت بروۋن شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ تور بېكىتىدە فۇجيەن ئۆلكىسى ئىئانە قىلغان تېبابەت ماسكىلىرىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئورېگون ئىشتاتىنىڭ جۇڭگودىكى ھەمشىرىسى بولغان فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ماسكا ئىئانە قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئورېگون ئىشتاتى چوقۇم بۇ مۇھەببەتنى تارقىتىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ