مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جونس خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلار 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى

2020.04.30 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 29-ئاپرېل ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا جەمئىي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەر 60 مىڭدىن ئاشقان.

  ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 29- ئاپرېل سائەت 16 (بېيجىڭ ۋاقتى 30- چېسلا سائەت 4) دە تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ئۆلگەن بىمارلار سانى جەمئىي 60 مىڭغا يەتكەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى جەمئىي 1 مىليون 30 مىڭ 487 گە يەتكەن. يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغىنى نيۇيورك ئىشتاتى بولۇپ، جەمئىي 299 مىڭ 691 ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، 23 مىڭ 384 ئادەم ئۆلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا جەمئىي 6771 ئادەم ئۆلگەن، مىچىگان ئىشتاتىدا جەمئىي 3673 ئادەم ئۆلگەن، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدا جەمئىي 3153 ئادەم ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ