ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرى ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملەشكەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، دېدى

2020.04.29 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە، ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرى شادىمانوف (ئارقا رەت ئوتتۇرىدا) جۇڭگودىن ئۆزبېكىستانغا بارغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىغا سۆز قىلماقتا.

  ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرى شادىمانوف 27-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودىن ئۆزبېكىستانغا بارغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى 10 كۈن ئىچىدە ئۆزبېكىستاندىكى بارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا بېرىپ، جايلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشقا ھەمكارلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى باھالاپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ