مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە

2020.04.29 17:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ۋاقىتنى، سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا تاشيول تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغىچە، داۋاملىق قۇرىلىۋاتقان 15 تۈرنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى، يېڭىدىن قۇرۇلغان 180 تۈرنىڭ يېرىمىغا يېقىندا ئىش باشلاندى.

  مۇخبىر غۇلجا شەھىرى پەنجىم بازىرى سۇلاگاڭ كەنتىدىكى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى ماشىنىلارنىڭ يېڭىدىن ياتقۇزۇلغان يول ئۇلىنى چىڭىتىۋاتقانلىقىنى، يېڭىدىن ياسالغان يولنىڭ پۈتەي دەپ قالغانلىقىنى كۆردى، غۇلجا شەھىرى پەنجىم بازىزى سۇلاگوڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئابىت ئەخمەتجان ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ: بۇ يول ياسالمىغان چاغدا موتسىكلىتمۇ كىرەلمەيتتى، يول ياسىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، دېدى.

  غۇلجا شەھىرى بۇ يىل سۇلاگوڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىككى كىلومېتىرلىق يولنى تۇتاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، بۇ تۈردە ئىش باشلانغاندىن بۇيان، تۈرنى باشقۇرغۇچى تەرەپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ ۋاقىتنى، سۈرئەتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ