مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مارشى يېزىپ چىقىلماقتا

2020.04.29 17:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىغا يامرىدى، تەقدىرداش، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى بىلەن يىراق دېڭىز–ئوكيانلار ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىسمۇ، لېكىن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ دوستلۇق مارشىنى ياڭراتتى.

  لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ «كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى كۆڭۈلدە» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار. بىز جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ۋاقىتتا لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىنىڭ جۇڭگوغا سەمىمىي ياردەم بەرگەنلىكى ۋە قىزغىن قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزىدىكى 17 دۆلەتنىڭ رەھبىرى، ئالتە دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق پارتىيەلىرى ۋە مۇھىم تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە خەت ۋە تېلېگرامما ئەۋەتتى. كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى رائۇل كاسترو ۋە كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىياز كانېل، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس، چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا، دومىنىكا زۇڭلىسى سىكېلىت قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەئىس شى جىنپىڭدىن ھال سورىدى، رەئىس دىياز كانېل، زۇڭلى سىكېرىت ئېلىمىزنىڭ كۇبا ۋە دومىنىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىمىزغا ئالايىتەن بېرىپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كارىب ئورتاق گەۋدىسى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاخبارات ئارقىلىق بىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كوستارىكا، گرىنادا قاتارلىق كۆپ دۆلەت مەركىزىي ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگوغا 600 مىڭغا يېقىن ماسكا، بىر مىليون جۈپ مىكروبسىزلاندۇرۇلغان پەلەي، نەچچە ئون مىڭ يۈرۈش ئوپېراتسىيە كىيىمى قاتارلىق داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلدى. ئارگېنتىنا، گىۋىيانا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىدىكى سەككىز دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى بايراقلىرىنى يېرىم چۈشۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قۇربان بولغانلار ۋە كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بىمارلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئېكۋاتور قاتارلىق لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ جۇڭگودىن ھال سورىدى، سالۋادور، كولومبىيە، پاناما، تىرىنىداد ۋە توباگو، دومىنىكا، ئېكۋاتور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئالىملىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋىدېيودا «جۇڭگو غەيرەت قىل» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى ھەمدە «ئۈمىد» تېمىسىدا ناخشا ئىجاد قىلىپ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇرۇگۋايلىق بەش ياشلىق قىز رودرىگۇز قولىغا قەلەم ئېلىپ جۇڭگولۇق كىچىك دوستلارغا ئىلھام بېرىپ، بەخت تىلىدى. پىرۇلۇق رەسسام ۋەن ۋېي «جۇڭگولۇقلارنىڭ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور ئىتتىپاقلىقى»نى كۆردۈم، «ۋۇخەن ئىسسىق چۆپى»نىڭ چەت ئەل نەشرى ئىجاد قىلىندى، بۇ بىر مەھەل تور دۇنياسىغا تارقالدى دېدى. ئارگېنتىنا پۇتبول جەمئىيىتى خۇبېيغا ياردەم بېرىۋاتقان بىر سېسترانىڭ «8-مارت ئاياللار بايرىمى»لىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ سېسترانىڭ ئوغلىغا دۆلەت كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ماھىرى مېسسىنىڭ كىيىمىدىن بىرنى سوۋغا قىلدى. مانا بۇلار لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى خالىس قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو بۇ دوستلۇقنى باشتىن-ئاخىر مەھكەم ئېسىدە ساقلايدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ.يۇقۇم لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىدا يامراۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكار بولۇپ رايون دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تولۇق بەھرىلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسى خەلقىگە جىددىي ياردەم بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ كېلىشىۋالغىنى بويىچە، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىياز كانىل، چىلى زۇڭتۇڭى پىنېرا، ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو، مېكسىكا زۇڭتۇڭى لوپېز بىلەن تېلېفونلاشتى ھەمدە ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن خەت ئەۋەتىپ ھال سوراشتى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەردە يۇقۇم ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە چامىنىڭ يېتىشىچە مەدەت ۋە ياردەم بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ ھەمدە يەر شارى ۋە رايون ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ. لاتىن ئامېرىكىسى رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ياردىمىگە بەس-بەستە رەھمەت ئېيتتى، زۇڭتۇڭ فېرنەندىس جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جەريانىدا كۈچلۈك رەھبەرلىك كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئارگېنتىنا ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى، دېدى. زۇڭتۇڭ لوپېز مېكسىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. زۇڭتۇڭ مادۇرو قىيىن پەيتتە تۇرۇۋاتقان ۋېنېسۇئېلا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئىنتايىن قىممەتلىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇنياغا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلدى دېدى. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىگە بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا، 100 نەچچە مىڭ يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى، كۆز توسقۇچ، تېببىي پەلەي قاتارلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلدى . شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق 20 نەچچە ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دەرىجىلىك ئورۇن ۋە نۇرغۇن جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى، فوند جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار رايون دۆلەتلىرىگە 3 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا، 800 مىڭدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش ئېنىقلاش دورىسى، 100دىن ئارتۇق نەپەسلەندۈرۈش ماشىنىسى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ۋېنېسۇئېلاغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى، 10 دۆلەت بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇتەخەسسىسلەر ۋىدېيو يىغىنى ئاچتى ھەمدە پۈتكۈل رايون دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان مۇتەخەسسىسلەر ۋىدېيو ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى سەھىيە مىنىستىرلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋىدېيو يىغىنىغا قاتنىشىشقا ماسلاشتۇردى. چىلى داشۆسىنىڭ تېببىي خادىملىرى جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۈچ قېتىم ۋىدېيو يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، يۇقۇملىنىشى ۋە تارقىلىشى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەندى، چىلى جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقىغا كۆپ قېتىم رەھمەت ئېيتتى، «جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

  لاتىن ئامېرىكىسىدا، «ئوڭۇشلۇق پەيتتە تۇتۇلغان دوست قىيىنچىلىقتا سىنىلىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىپادىسى يېڭى دەۋردىكى باراۋەرلىك، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتەك جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ ھەرقانداق بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى ئىنسانلارنىڭ جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ياخشى دوستى، ھەقىقىي ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىسى ۋە داۋالاش لايىھەسىدىن داۋاملىق بەھرىلىشىنى ھەمدە چامىسىنىڭ يېتىشىچە ماددىي ياردەم بېرىشنى، لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى مارشىنى يېزىپ چىقىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ