مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئۆلگەن بىمارلارنىڭ 200 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى

2020.04.29 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن ئۆلگەن بىمارلار سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ، 202 مىڭ 597گە يەتكەن.

  ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 2گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى 8گىچە)، دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار 2 مىليون 954 مىڭ 222گە، ئۆلگەن بىمارلار 202 مىڭ 597گە يەتكەن.

  سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 960 مىڭ 916گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا ئىسپانىيەنىڭ 209 مىڭ 465كە، ئىتالىيەنىڭ 199 مىڭ 414كە، ئەنگلىيەنىڭ 157 مىڭ 153كە، گېرمانىيەنىڭ 156 مىڭ 337گە، فىرانسىيەنىڭ 127 مىڭ 8گە، تۈركىيەنىڭ 112 مىڭ 261گە يەتكەن.

  ئۆلگەن بىمارلار سانىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇپ، 49 مىڭ 170كە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىتالىيەنىڭ 26 مىڭ 977گە، فىرانسىيەنىڭ 23 مىڭ 261گە، ئىسپانىيەنىڭ 23 مىڭ 190غا، ئەنگلىيەنىڭ 21 مىڭ 92گە يەتكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئايرىغان رايون ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 1 مىليون 386 مىڭ 693كە يەتكەن، ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكا قىتئەسى رايونىنىڭ 1 مىليون 179 مىڭ 607گە يەتكەن. باشقا رايونلاردا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار نىسبەتەن ئاز ئىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى تېخى ئاخىرلاشمىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا، شەرقىي ياۋروپا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان يۈزلىنىشىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ