مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تېدروس: ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدىكى يۇقۇمغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك

2020.04.29 17:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس 4-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىلىم-پەن ۋە پاكىتقا ئاساسەن ئىمكان قەدەر مۇۋاپىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، بىراق ئاخىرىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا ئاساسەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. تېدروس شۇ كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ھەر قايسى دۆلەتلەرگە باغلىق. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ خەلقئارا دىققەت قىلىدىغان ئۇشتۇمتۇت ئامىمۋىي سەھىيە ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنياغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى سىگنالنى چىقارغان، ئەينى چاغدا دۇنيادا جۇڭگودىن باشقا جايدا ئاران 82 دىياگنوز قويۇلغان بىمار بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك ئاممىۋىي سەھىيە ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، بىمارلارنى ئىزدەش، تەكشۈرۈش، ئايرىش ھەمدە يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تەكلىپى بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ