پەلەستىنلىك ئىنژېنېر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ئۈچۈن «تېز يەتكۈزۈش ماشىنا ئادىمى» تەتقىق قىلىپ ياسىدى

2020.04.28 17:31 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى خېبرېن شەھىرى ئەتراپىدا، پەلەستىنلىك ئىنژېنېر يۇسىل تارد «تېز يەتكۈزۈش ماشىنا ئادىمى»نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پەلەستىنلىك ئىنژېنېر يۇسىل تارد بىر خىل «تېز يەتكۈزۈش ماشىنا ئادىمى» نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ ماشىنا ئادەم دوختۇرخانىدا ئايرىپ داۋالىنىۋاتقان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ماشىنا ئادەم سېنزور، تېلېكامېرا، GPS ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلىغۇچ، رادار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ