جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى

2020.04.27 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئىراقنىڭ باغدات خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، ئىراق تىرانسپورت مىنىستىرى لۇ ئەبى (سولدا) جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىراققا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى تاۋ جۇڭچۈەنگە گۈل سوۋغا قىلىپ رەھمەت ئېيتماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئىراقنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالىشىغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 26-ئاپرېل ئىراقتىكى 50 كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، ئىراق ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ