جۇڭگودىن ئۆزبېكىستانغا بارغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى سىن ئارقىلىق جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلىككە قارشى تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى

2020.04.27 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار قاتارلىقلار بىلەن سىنلىق كۆرۈشمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگودىن ئۆزبېكىستانغا بارغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى 24-ئاپرېل ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار، خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلار بىلەن سىنلىق ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يۇقۇم ھەققىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ