جۇڭگو ئىراققا ياردەم بېرىپ قۇرغان CT تەكشۈرۈش ئۆيى باغداتتا پۈتتى

2020.04.27 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىراقنىڭ باغداتتىكى جۇڭگو ياردەم بېرىپ قۇرغان CT تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدا، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ۋاڭ ئەنمىڭ تەربىيەلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان قۇراشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئارقىلىق، جۇڭگو ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن ئىراقنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مەخسۇس CT تەكشۈرۈش ئۆيى باغداتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە پۈتتى. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتىنىڭ ئىراقنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئىراققا CT ئۈسكۈنىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى ھەمدە ئىراق رادىئاتسىيە بۆلۈمى دوختۇرلىرىنى ئۈسكۈنە ئىشلىتىش بويىچە تەربىيەلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ