جونس خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدا يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 900 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى

2020.04.26 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 25- ئاپرېل، ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرى برۇكلىن رايونىدىكى بىر تاللا بازىرى ئىچىدىكى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، خىزمەتچىلەر تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 25- ئاپرېل ئېلان قىلغان يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 900 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ