ئىتالىيەدە «شەھەر قامال قىلىقلىق» ھالەتتە تۇرۇپمۇ يەنە فاشىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلەندى

2020.04.26 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «ئۈچ خىل رەڭلىك ئوقيا» ناملىق ئۇچۇش ئەترىتى رىم ئاسمىنىدا ئۇچۇپ، ئىتالىيە ئازادلىق كۈنىنى خاتىرىلىدى.

  شۇ كۈنى ئىتالىيەدە «شەھەر قامال قىلىقلىق» ھالەتتە تۇرۇپمۇ يەنە فاشىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلەندى، رىم ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەيدانلاردا ئادەم توپلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ھېچقانداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمىدى. ئىتالىيە ھەق تەلەپ قوغداش تارماقلىرى 25- ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىتالىيەدە يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىدىن 415 كىشى شۇ كۈنكى يېڭىدىن قازا قىلغانلار تىزىملىكىگە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، 3- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن بۇيان بىر كۈن ئىچىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولغان بىر كۈن بولدى، شۇنىڭ بىلەن، ئىتالىيەدە جەمئىي 26 مىڭ 384 بىمار قازا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ