رۇسىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 60 مىڭدىن ئاشتى

2020.04.24 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا توختىتىلدى.

  رۇسىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى يېڭىدىن 4774 نەپەر كۆپەيگەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى جەمئىي 62 مىڭ 773 نەپەرگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە موسكۋادا يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار 1959 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 33 مىڭ 940 نەپەرگە يەتكەن. رۇسىيە بويىچە ئۆلگەنلەر سانى 42 نەپەر ئاشقان بولۇپ، جەمئىي ئۆلگەنلەر 555 كە يەتكەن؛ يېڭىدىن 471 بىمار داۋالاپ ساقايتىلغان بولۇپ، جەمئىي 4891 نەپەر بىمار داۋالاپ ساقايتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ