مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار سانى 860 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

ئانتىتېلا تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە نيۇيوركتا %20 كىشى يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن

2020.04.24 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى رېئال ۋاقىتلىق كۆزىتىش سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 41 مىنۇت ئۆتكىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمار سانى ئاز دېگەندە 864 مىڭ 415 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، 47 مىڭ 892 نەپەر ئۆلگەن بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ سىستېمىنىڭ تەخمىنەن 24 سائەت ئىلگىرىكى سانلىق مەلۇماتىغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا 17 مىڭ 433 نەپەر يۇقۇملانغۇچى يېڭىدىن كۆپەيگەن، ئۆلگەن ئادەم سانى 1283 نەپەر كۆپەيگەن.

  نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان نيۇيورك ئىشتاتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن 269 مىڭ 756 نەپەر بار بولۇپ، بۇ ئۆلگەن 19 مىڭ 551 ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 95 مىڭ 914 بىمار بار بولۇپ، ئۆلگەن 5150 بىمارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى، كالېفورنىيە ئىشتاتى، مىچىگان ئىشتاتى، ئىللىنوئىس ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردىمۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 30 مىڭدىن ئاشقان.

  نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئاندرو كومونىڭ شۇ كۈنى دېيىشىچە، بۇ ئىشتاتتىكى 3000 نەپەر ئاھالىگە ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك ئىختىيارىي سىناقتا %13.9 قاتناشقۇچىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققانلىقى بايقالغان. ئانالىزدا ئېيتىلىشىچە، بۇ نەتىجە نيۇيورك ئىشتاتىدا 2 مىليون 700 مىڭ ئادەمنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن. 3000 نەپەر قاتناشقۇچى ئىچىدە تەخمىنەن 1300 كىشى نيۇيورك شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ مۇسبەت چىقىش نىسبىتى %21 كە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ