ئەنگلىيەدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەنگلىيە تەرەپكە داۋالاش مۇداپىئە كىيىمى ئىئانە قىلدى

2020.04.23 19:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى بىر داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئامباردا ساقلاش مەركىزىدە، لوندون خۇابۇ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئەنگلىيە جېجياڭ بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، سودا جەمئىيىتى ۋە ساينت تويىن دوختۇرخانىسى تىجارەت قىلغۇچى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە ئىئانە قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئەنگىلىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ قىس بولۇش ئەھۋالى ئالدىدا، شۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلاردىن تەركىب تاپقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتللار 20- چېسلا لوندوندا ئەنگلىيەگە 30 مىڭ يۈرۈش داۋالاش كىيىمى ئىئانە قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ