مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنىڭ 2- دولقۇنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن

2020.04.23 19:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى روبېرت رېدفيېلد 21- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى ئالدىمىزدىكى قىشتا ئامېرىكىغا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنىڭ 2- دولقۇنى تارقىلىشچان زۇكام پەسلى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يېتىپ كېلىشى مۇمكىن، ھەمدە «تېخىمۇ ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن.»

  رېدفيېلد «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم ئامېرىكىغا ناھايىتى زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بەختكە يارىشا يۇقۇم يېتىپ كەلگەندە تارقىلىشچان زۇكام پەسلى ئاخىرلىشىپ قالغان ئىدى. ئەگەر نەپەس يولى كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ ئىككى خىل ۋىرۇس ۋەقەسى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولسا، ئامېرىكىنىڭ داۋالاش سىستېمىسى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە زور بېسىمغا ئۇچرايتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: فېدېراتسىيە ۋە ھەر قايسى ئىشتات ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا غايەت زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغاچقا، ئۇلار بۇ ئېھتىمالغا ياخشى تەييارلىق قىلىشلىرى كېرەك. «ئۆيدە تۇرۇش بۇيرۇقى» قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەر ئارا ئارىلىقنى داۋاملىق ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى داۋاملىق تەكىتلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلار بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاق ساراي تاجىسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى دېبورا بوكس شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان 2- دولقۇندىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنى يېقىندىن نازارەت قىلىپ، دەسلەپكى سىگنالنى ۋاقتىدا بايقاپ، ياخشى تاقابىل تۇرۇش كېرەك،

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ