مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاقساراينىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى توڭلىتىش بۇيرۇقى زادى يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشمۇ ياكى «ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش»مۇ؟

2020.04.23 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 21-ئاپرېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ 22-ئاپرېل بىر تۈرلۈك 60 كۈن داۋاملىشىدىغان ئامېرىكىغا بارىدىغان كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى توڭلىتىش بۇيرۇقىنى ئىمزالاشنى پىلانلىغانلىقىنى، لېكىن بۇ بۇيرۇقنىڭ پەقەت مەڭگۈلۈك ئاھالە سالاھىيىتى يەنى «يېشىل كارتا»غا ئېرىشمەكچى بولغانلارغا قارىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇ بۇ بۇيرۇقنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئىشسىز قالغان ئامېرىكىلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى سىرتتىن كەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى تارتىۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى توڭلىتىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، ناھايىتى زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. ئامېرىكىدىكى بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ترامپنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى باھانە قىلىپ، كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى توڭلىتىش بۇيرۇقىنى يولغا قويۇشى «ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش» گۇمانىنى قوزغايدىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە چەتكە قېقىش كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىكەن ياكى سىياسىي داۋالغۇش ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  [ئاخبارات پاكىتى]

  ترامپ 20-ئاپرېل تاراتقۇلاردا: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يامرىشى ۋە ئۆز جايىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوغداشنى ئويلىشىپ، ئۆزىنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئامېرىكىغا بارىدىغان كۆچمەنلەر ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئىككىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ترامپ ئالاقىدار مەمۇرىي بۇيرۇقلارنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، بەزى كەچۈرۈم قىلىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ بارلىقىنى، توڭلىتىش بۇيرۇقىنىڭ 60 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى، كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ