مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم ئەنگلىيەنىڭ كېلىشىم يوق ھالەتتە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرۇۋەتتى

2020.04.22 17:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلگەن ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان»دىن كېيىنكى سۆھبىتى يېقىندا رەسمىي قايتا باشلاندى. ئىككى تەرەپ كەلگۈسى نەچچە ھەپتىدە كۆپ قېتىم ۋىدېيولۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 6-ئايدىن بۇرۇن كەلگۈسى مۇناسىۋەت كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشتى.

  ئەنگلىيە 1-ئاينىڭ 31-كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلدى»، ئارقىدىنلا 11 ئايلىق ئۆتكۈنچى مەزگىلگە كىردى، بۇ مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كەلگۈسى مۇناسىۋەتنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن سۆھبەت يۇقۇم سەۋەبلىك بىر مەزگىل كېچىكتۈرۈلدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقۇم ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ ئۆز قەرەلىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئەگەر ئەنگلىيە ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۇزارتىشقا قوشۇلمىسا، كېلىشىم يوق ھالەتتە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇمكىنچىلىكى ئاشىدۇ.

  1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلغاندىن كېيىن، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى دەۋر» دىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشى كېرەك ئىدى، بۇ سودا، خەۋپسىزلىك قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بىرىنچى باسقۇچتىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن نامدىلا ئايرىلىش» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئەنگلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككىنچى باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

  ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 3-ئاينىڭ بېشىدا بريۇسسېلدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن» كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنى ئۆتكۈزدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپى ئېغىر بولدى. ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئەسلىدە 3-ئاينىڭ 18-كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، ئەمما يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  12-ئاينىڭ 31-كۈنى بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىل ئاياغلىشىدۇ، ۋاقىتنىڭ قىستاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر سۆھبەتنى قايتا باشلاشنى قارار قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى، بانىيې ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتىنىڭ باش ۋەكىلى داۋىد فىروست بىلەن ۋىدېيولۇق يىغىن ئۆتكۈزدى ھەم بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلانغان ھەپتىدە جەمئىي ئۈچ نۆۋەت ۋىدېيولۇق يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  سۆھبەت سۈرئىتى يۇقۇم سەۋەبىدىن ئاستىلاپ، ئەسلىدىنلا يېتەرلىك بولمىغان سۆھبەت ۋاقتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىسا ھەمدە ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۇزارتمىسا، ئىككى تەرەپ دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە سودىنى قايتىدىن قانات يايدۇرىدۇ. جامائەت پىكرى مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ خىل ئەھۋال «قوش ئۇتتۇرۇپ قويۇش» ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يېتەرلىك ۋاقىتتا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» نىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى ئۇزارتىش بىر تاللاش تۈرى.

  لېكىن ئەنگلىيە ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۇزارتىشنى خالىمايدۇ. ئەنگلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بۇ مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈردى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ، ئەنگلىيە رەت قىلىدۇ، سەۋەبى ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۇزارتىش سۆھبەتنى تېخىمۇ ئۇزارتىۋېتىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئېنىقسىزلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيەنىڭ ئۆز چېگراسىنى قايتىدىن كونترول قىلىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسىمۇ، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خامچوت خىراجىتىنى داۋاملىق تۆلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن باشقا، ئەنگلىيەدە يەنە باشقا مەسىلىلەرمۇ بار. بۇنىڭدىن ئۈچ يېرىم يىل ئىلگىرىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» قاتمال ھالىتى ئەنگلىيەلىكلەرنى نارازى قىلغان ئىدى، ئەگەر ئۆتكۈنچى مەزگىل يەنە كەينىگە سۈرۈلسە، دۆلەت ئىچىدىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرەپدارلىرى»نىڭ بىزارلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسوننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئۆتكۈنچى مەزگىلىنى ئەنگلىيە پارلامېنتى قانۇن چىقىرىپ بېكىتكەن، ئەگەر يەنە ئۇزارتسا قانۇنغا خىلاپ ئىكەن.

  لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كېلىشىمى سۆھبىتىگە ئادەتتە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ھازىر ۋاقىت بەك قىس، ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھاسىل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن، ئۆتكۈنچى مەزگىلنى يەنە ئىككى يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

  ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىق نۆۋەتتىكى ئەنگلىيە-ياۋروپا سۆھبىتىدىكى بىر ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ قالدى. تاراتقۇلار مۇنداق باھا بەردى: ئىككى تەرەپ 3-ئاينىڭ بېشىدىكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن تاپشۇرغان ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مەيدانى «قەتئىي يېقىن كەلمەيدىكەن».

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقۇم سۆھبەتنى كېچىكتۈردى ھەمدە كېيىنكى سۆھبەتنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە يۈز تۇرانە ئېلىپ بارغىلى بولمىدى. سۆھبەتنىڭ نۆۋەتتىكى سۈرئىتى ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر ئۆتكۈنچى مەزگىل ئۇزارتىلمىسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز قەرەلىدە بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، جونسون باشچىلىقىدىكى مۇتەئەسسىپلەر پارتىيەسى بۇلتۇر 12-ئايدىكى چوڭ سايلامدا پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئورنىغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ يېقىندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەمدە بىر مەھەل كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن كەچۈرمىشى ئەل رايىنىڭ ئۇنى قوللاش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، بۇ ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ قاتتىق مۇئامىلە قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر جونسون ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئۇزارتىشنى رەت قىلسا، ئۇنداقتا ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئىستىقبالى ئانچە ياخشى بولمايدۇ.

  جامائەتچىلىك يۇقۇم ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا غايەت زور ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، ئەگەر مۇھىم سودا ھەمراھى بولغان ئىككى تەرەپ يەنە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىيالمىسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىغا يەنە بىر قېتىم زور زەربە بولىدۇ دەپ قارىدى. شۇڭا كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپانىڭ رەھبەرلىرى كارخانا ساھەسىدىن كەلگەن غايەت زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ.

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: كەلگۈسى سۆھبەتنىڭ «مۇمكىنچىلىكى»نىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، كېلىشىمسىز «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» بىردىنبىر مۇمكىن بولىدىغان نەتىجە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ