مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە دۇنيا ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىققا تولدى

2020.04.22 17:36 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى خۇددى بىر كۆرۈنمەس قولدەك دۇنيا ئىقتىسادىنى نورمال ئېشىش يولىدىن ئەگرى-توقاي يولغا سۆرەپ كىردى. ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر تۇيۇقسىز ئازىيىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، يېقىنقى مەزگىلدە يەر شارى بازىرىدا قاتتىق داۋالغۇش بولدى، نۇرغۇن كەسىپلەردە تەمىنات زەنجىرىنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولدى، نۇرغۇن كارخانىلار زور دەرىجىدە خادىم قىسقارتتى، ئاساسى ئىقتىساد كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ دەۋرىيلىكى تۈپەيلى يۈز بېرىدىغان ئادەتتىكى كىرىزىستىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەۋپ-خەتىرى ئاساسلىقى يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى مەنبە قىلغان، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىش جەريانى يەر شارىنىڭ يۇقۇمنى قاچان توسۇشىغا باغلىق. بۇ خىل ئالاھىدىلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىگە موھتاج.

  نۆۋەتتە، يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل دۇنيا ئىقتىسادى %3 چېكىنىدىكەن. بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئىقتىسادىي چېكىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ كەڭ كۆلەمدە توختاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، 3- ئايدا ئامېرىكىدا يادرولۇق ئىستېمالچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى 10 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئايدىكىدىن تۆۋەنلىدى. 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بولغان ئالدىنقى ئۈچ ھەپتىدە، ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق قۇتقۇزۇش ئىلتىماسى قىلغان ئادەم سانى جەمئىي 16 مىليوندىن ئاشتى. ئامېرىكا پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى بۇ يىل %8 تۆۋەنلىشى، ئىشسىزلىق نىسبىتى بىراقلا %20 تىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  يۇقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولغان ئىقتىسادىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېكىندوس يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە دۇنيا ئىقتىسادى چېكىنىدۇ. ياۋروپا ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىدۇ، ياۋرو رايونىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن گېرمانىيە، فىرانسىيەدىكى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئايرىم-ئايرىم %1.9 ۋە %6 چېكىنىدىكەن.

  ياپونىيەدىكى ئورگانلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى مۇقىم ۋەزىيەتكە ئايلاندى. داخې ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ئىقتىسادى تەكشۈرۈش بۆلۈمى يېقىندا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ياپونىيە 6-ئايدا يۇقۇمنى تىزگىنلىيەلىسە، 2020-يىلى ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %4.5 تۆۋەنلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر يۇقۇم يىل ئاخىرىغا سۈرۈلسە، بۇ يىل ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %7.6كە يېتىشى مۇمكىن، ياپونىيە ئىقتىسادى ئۇچرىغان زەربە 2008-يىللىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرمۇ ئوخشاشلا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. بىرازىلىيەنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرى ئەسلىدىكى %2 تىن %0.02كە چۈشۈرۈلدى؛ « BCSيەر شارى بازىرى» تەھلىل شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، رۇسىيە ئىقتىسادى بۇ يىل %2.7 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن؛ جەنۇبىي ئافرىقا مەركىزىي بانكىسى مەزكۇر دۆلەت ئىقتىسادى بۇ يىل %0.2 تۆۋەنلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى؛ 3-ئايدا ھىندىستاندا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاران %38.2 بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.

  جۇڭگو دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى ھېساباتقا قارىغاندا 1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 تۆۋەنلىدى. 3-ئايدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك چۈشۈپ، سانائەت كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەگە يېقىنلاشتى.تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن يىلدا مۇسبەت ئېشىشنى ساقلىغان ئاز ساندىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو ئىقتىسادىدا غايەت زور بېسىم ئاستىدا يەنىلا ئاكتىپ ئالامەتلەر كۆرۈلدى، دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە بۇ تېخىمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى مۈلۈك كۆپۈكلىشىش، زىيادە قەرزدار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىن پەيدا بولدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ قېتىمقى چېكىنىشى يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمىنات ۋە ئېھتىياجنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تارىيىشىدىن بولدى. ئەگەر ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق تىزگىنلىيەلىسە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى گىتتا گوپىنات مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش ۋەزىيىتى بۇرۇنقىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بىرىنچى، زەربە كۈچى زور؛ ئىككىنچى، يۇقۇم زەربىسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدە روشەن ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت؛ ئۈچىنچى، ئادەتتە كىرىزىسكە قارىتا ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئومۇمىي ئېھتىياجنى قوزغىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولاتتى، لېكىن بۇ قېتىم زور دەرىجىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجىسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر يۇقۇم كېيىنكى يېرىم يىلدا تۈگىسە ھەرقايسى دۆلەتلەر قوللانغان سىياسەت-تەدبىرلەر كارخانىلارنىڭ زور مىقداردا ۋەيران بولۇشى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشسىزلىق ۋە سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە بېسىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ، 2021-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ %5.8 كە ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى: ئەگەر يۇقۇم ئاخىرلاشسا، تۈرلۈك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر نورماللىشىدۇ، كېلەر يىلى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى %6.2گە ئۆرلەيدۇ دەپ قارىدى.

  بىراق، يەنە بەزى تەھلىلچىلەر يۇقۇم تىزگىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، بەزى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ دەپ قارىدى. بىلومبېرگ ئاگېنتلىقى تەھلىلچىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادى ئاز دېگەندە 2022-يىلىغا بارغاندا ئاندىن يۇقۇم يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەگە قايتالايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ