مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مېھىر شەپقەت ماددىي ئەشيالىرى پاكىستاندىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى

2020.04.22 17:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  پاكىستاننىڭ مائارىپ تارماقلىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئۈچۈن، ھازىر دەرس توختىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مەكتەپلەر تىمتاسلىققا چۆمدى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، پايتەخت ئىسلامئابادتىكى بىر بالىلار باغچىسى بىر ئاز «نورمالسىز» ئىدى، مابىن ۋە بىر نەچچە پىدائىي ئون نەچچە پاكىستانلىق ئاممىنى ئارىلىق ساقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى.

  ما بىن گەنسۇنىڭ لىنشيادىن بولۇپ، 2011-ـيىلى ئوقۇشقا كەلگەن، 2018-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن پاكىستاندا قېلىپ خىزمەت قىلغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ما بىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ بىز ئارىيەت ئالغان مەيدان، بۈگۈن بىز 150 نامرات ئائىلىگە ماددىي ئەشيا تارقىتىپ بېرىمىز. كىشىلەرنىڭ توپلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا ئوخشاش بولمىغان ئېلىش ۋاقتى بېكىتىپ بەردۇق. ھەربىر ئائىلە بىر مەزگىل ئىشلىتىشكە يېتىدىغان ئاشلىق، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ».

  يۇقۇمىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پاكىستان ئىسلامئابادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلاردا 3-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەش، سودا سارايلىرىنىڭ تىجارىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان ئىدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىشلەمچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نامرات ئاممىغا ئېغىر زەربە بولدى.3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پاكىستاندىكى قىسمەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا «ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قېلىش» خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مابىن ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەت ئەترىتى ياردەم قولىنى سۇنۇشنى قارار قىلدى. ئۇلارنىڭ مەبلەغ توپلاش تەشەببۇسىغا جۇڭگودىكى مېھرىبان زاتلار ۋە پاكىستاندىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، ئۇلار جەمئىي 715 نامرات ئائىلىگە ياردەم بەردى.

  ئىسلامئابادتىكى 62 ياشلىق ئىقبال ئادەتتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئائىلىسىدىكى سەككىز جاننى باقاتتى. ماددىي ئەشيالارنى ئالغان ئىقبال مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«شەھەر قامال قىلىنغاندىن كېيىن كىرىمىم زور دەرىجىدە ئازلاپ، ئائىلىمىزدە ئاشلىق يېتىشمىدى، جۇڭگولۇق مېھرىبان زاتلارنىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت».

  پاكىستاندا يېقىندا يۇقۇم تېز سۈرئەتتە يامراش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. پاكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتتە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 7993 بولۇپ، پايتەخت ئىسلامئابادتا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمار 171 گە يەتكەن. مابىن ۋە ئۇنىڭ مېھرى-شەپقەت ئەترىتى ئۆزىنى ياخشى مۇداپىيە قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، پاكىستان خەلقىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلدى.

  «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرى تۈپەيلى نۆۋەتتە پاكىستاندا ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش، توشۇش قاتارلىقلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، پاكىستاندىكى يەرلىك پىدائىيلار مابىن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىنىڭ خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرىغا پائال ياردەملەشتى. ئىسلامئابادتىن كەلگەن ناۋمان مۇنداق دېدى: ئىسلامئابادتىكى نۇرغۇن دۇكانلار تاقالدى، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىمۇ توختىدى، ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاش ئاسان ئەمەس».

  ناۋمانغا ئوخشاش كىشىلەر ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماددىي بۇيۇم سېتىۋېلىش ۋە نامرات ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىشقا ياردەم بەردى.

  ناۋمان مۇنداق دېدى:» بىز ياردەم قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى پارچە ئىش قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغانلار، ئائىلىسىنىڭ ئاساسەن يىغىپ قويغان پۇلى يوق. جۇڭگودىكى مېھرىبان زاتلارنىڭ بۇ نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت».

  پاكىستان ھۆكۈمىتى يۇقۇم ۋە «شەھەرنى قامال قىلىش» تەدبىرىنىڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ قۇتقۇزۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 12 مىليون نامرات ئائىلىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللىدى. بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان 4-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ھۆكۈمەت يۇقۇمنى تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قۇرۇلۇش، خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، يۇمشاق دېتال ياساش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  ما بىن مۇنداق دېدى: «مەن پاكىستاندا ياشاۋاتقىلى كۆپ يىل بولدى، جۇڭگو-پاكىستان دوستلۇقىغا نىسبەتەن تەسىراتىم چوڭقۇر. جۇڭگو بىلەن پاكىستان ھەقىقىي قېرىنداشلار، قېرىنداشلار قېيىنچىلىققا ئۇچرىسا ئۆز ئارا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. شارائىت يار بەرسىلا، بىز مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ