مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغدىشىنى قوللايمىز

2020.04.22 17:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى باشتىن-ئاخىر قوللايدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم مەيدانىنى ئىپادىلىدى؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق كۆپ تەرەپچىلىكنى قوللىغانلىق بولىدۇ دەپ ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭراتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق كۆپ تەرەپچىلىكنى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپىنى قوغدىغانلىق. يۇقۇم ئېغىر دەرىجىدە تارقىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش، ۋىرۇسنى يوقىتىش ھەرىكىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئېھتىياجلىق. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق، ئەڭ كەسپىي خەلقئارا ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تەڭداشسىز رول ئوينىماقتا. بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولغاندىن بۇيان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەركىزىي ماسلاشتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى ئالاھىدە يىغىنى باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ قوللاش ھەمدە يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ۋەدە بېرىش تەكىتلەندى.

  كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھالقىلىق پەيتىدە، دەرىجىدىن تاشقىرى مەلۇم چوڭ دۆلەت خەلقئارانىڭ نەپرىتىگە پىسەنت قىلماي، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قارا چاپلىدى ھەتتا ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىك قىلمىشى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئورا كولاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. يېقىندا ئاياغلاشقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدىيو يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئەيىبلەش پوزىتسىيەسىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى ھالدا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى تەكىتلەپ ۋە مۇراجىئەت قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللىغانلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە رولىنى قوغدىغانلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش يەر شارىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ ۋە ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولۇپ، دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا پائال يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى بونا فىرانسىيەنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىزمىتى ۋە باش ئىش بېجىرگۈچى تېدروسنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى بىلدۈردى.

  يۇقۇم پەيدا بولغاندىن بۇيان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھازىرغىچە 130 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئىككى مىليوندىن ئارتۇق شەخسىي قوغدىنىش ئۈسكۈنىسىنى يەتكۈزۈپ بەردى، ھەمدە 120 دىن ئارتۇق دۆلەتنى بىر مىليوندىن ئارتۇق دىياگنوز قويۇش، ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلىدى. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى خايىكوماس ئەڭ ياخشى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەبلىغىنىڭ بىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى بولۇپمۇ مەبلىغى يېتىشمەيدىغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللاش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئەنگلىيە يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى، خەلقئارا تەشكىلات قاتارلىق تەشكىلاتلارغا 200 مىليون فوندستېرلىڭ ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 65 مىليون فوندستېرلىڭنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى ھەمدە ھازىرقى ھەمكارلىق ئاساسىدا، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى قوللاشمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى قوغدىغانلىق. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئىرق ئايرىمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت بىردەك ئىتتىپاقلاشقاندىلا، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. خۇددى تېدروس ئېيتقاندەك خەلقئارا جەمئىيەتتە بۆلۈنۈش كۆرۈلسە، ۋىرۇس پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، يۇقۇمنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ ھەمدە دۇنيا تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى بۇزىدىغان، ھەتتا شەخسىيەتچىلىك قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەت يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقنى بۇزىدۇ.ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان دەۋرىدە ھەر خىل ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا، خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ تەرەپچىلىككە ئەمەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭى ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھەمكارلىقىنى سىنىماقتا. ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ئەڭ كۈچلۈك قورال. كۆپ تەرەپچىلىك بىر تەرەپچىلىك ئەمەس، ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلماي يەر شارى بويىچە ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن بۇ بىر مەيدان دۇنيا ئاممىۋى سەھىيە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ توغرا ھالىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ. يەر شارى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە خەلق جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل-كېسىل غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؛ ئەركىن نەپەس ئېلىپ، قول ئېلىشىپ قۇچاقلىشىدىغان كۈنگە بالدۇر يەتكىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ