مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە: تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر خەلقئارا ھەمكارلىقنى قوللايدىكەن

2020.04.22 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تور بېكىتى 20- چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تور بېكىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر خەلقئارا ھەمكارلىقنى قوللايدىغانلىقىنى دېگەن. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ يۈزلىنىش تېخىمۇ روشەن بولغان.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، بۇ پائالىيەت تور بېكىتى توردا تەكشۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىش پائالىيىتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىگە بولغان قارىشىنى توپلىدى.

  ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تور بېكىتى 20- چېسلا 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە ئېرىشكەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان %95 كىشىنىڭ قارىشىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم ھەمكارلىشىپ يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ خىل قاراش ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى ۋە ئوخشاش بولمىغان تەربىيەلىنىش دەرىجىسىدىكى كىشىلەر توپى ئارىسىدا قوللاشقا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ