جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مىسىردىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا «ساغلاملىق سومكىسى» تارقاتتى

2020.04.21 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 20-ئاپرېل، مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا تارتىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 20-ئاپرېل جۇڭگونىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى قاچىلانغان «ساغلاملىق سومكىسى» تارقاتتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم 1200 دانە «ساغلاملىق سومكىسى» تارقىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر «ساغلاملىق سومكىسى»غا بىر قېتىملىق ماسكا، دورا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە لۆڭگىسى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بۇيۇملار قاچىلانغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەلچىخانا يەنە مىسىردىكى چياۋمىن ئۆمىكىگە 100 دانە تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ تارقاتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ