مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇراجىئەت قىلىندى

2020.04.21 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئاپرېل، 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق 40 چە كىشى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن يەر شارى بويىچە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ يۇقۇم ئەھۋالىنى بالدۇرراق يېڭىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  نۆۋەتتە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە دۇچ كەلگەن خىرىسى ئوخشىمايدۇ. بەزى دۆلەتلەر بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسىغا ۋە بىرقەدەر كۈچلۈك ھالدىكى ماددىي ئەشيا تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر نوپۇس زىچلىقى زور، نامراتلىق نىسبىتى يۇقىرى ۋە داۋالاش سىستېمىسى ئاجىز بولۇشتەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېيىنكى باسقۇچتا يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولىدىغان ئاپەت رايونىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ھالغا چۈشۈپ قېلشى مۇمكىن.

  يىغىنغا قاتناشقان ئەمەلدارلار ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىسى ۋە يۇقۇمغا قارىتا قوللانغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىدىن بەھرىمان بولۇشتى. ھەر قايسى تەرەپلەر ئورتاق بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە تەييارلىق جەھەتتىكى پەرقىنى تولۇقلاپ، يەر شارى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا ساقلانغان يېتەرسىزلىكىنى ئېنىق نامايان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر چوقۇم تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك ھەمدە نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكنى پەيدا قىلغۇچى يۇقۇم ئەھۋالى ئىچىدە رەقەملىك ھەل قىلىش لاھىيەسىدىن پايدىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھىيە مىنىستىرلىرى زۆرۈر تېپىلغاندا يەنىمۇ ھەرىكەت قوللىنىپ يۇقۇم ئەھۋالىنى توسىدۇ ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا يەنە بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ