مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزبېكىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 1000دىن ئاشتى

2020.04.15 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى 14-ئاپرېل ئېلان قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 14-ئاپرېل سائەت 15 تىن 30 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18 دىن 30 مىنۇت) ئۆتكەنگە قەدەر، بۇ دۆلەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن جەمئىي 1113ى بار بولۇپ، 13-ئاپرېل سائەت 23 (بېيجىڭ ۋاقتى 14-ئاپرېل سائەت 2)دىكى 998 نەپەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭىدىن 115 نەپەر كۆپەيگەن؛ جەمئىي تۆت ئادەم ئۆلگەن؛ جەمئىي 99 بىمار داۋالاپ ساقايتىلغان.

  ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەمنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بويىچە تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، ھازىرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش پىلانىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

  ئۆزبېكىستاندا 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ دۆلەتتىكى تۇنجى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى. ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بۇ دۆلەت 3-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ چېگرانى تاقىدى، چېگرا ئىچىدىكى بارلىق كىشىلەر ئاممىۋى سورۇندا ماسكا تاقىشى ئۇقتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ توپلاپ، دۆلەتنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى كۈچەيتىشنى ھەمدە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر ۋە ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ