جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى موسكۋادا رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇردى

2020.04.14 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەگە بارغان يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى 40-كىلىنىكىلىق دوختۇرخانىسىدا رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو-رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئۆلچىمى، ICU ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش لايىھەسى، نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالاش دوختۇرخانىلىرى ئارا ھەمكارلىشىش مېخانىزمى، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسى ۋە تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەەرققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە تەجرىبە ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ