جۇڭگونىڭ كرودىيەگە ياردەم قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى زاگرېبقا توشۇپ كېلىندى

2020.04.13 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، كرودىيە پايتەختى زاگرېبتىكى تۇدمان ئايرودرومىدا، ئايرودروم خىزمەتچىلىرى يۈك-تاق توشۇش مەخسۇس ئايروپىلانىدىن جۇڭگونىڭ كرودىيەگە ياردەم قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى چۈشۈرۈشكە تەييارلانماقتا.

  شۇ كۈنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كرودىيەگە ياردەم قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كرودىيە پايتەختى زاگرېبقا يەتكۈزۈلدى. بۇ تۈركۈمدىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى دوختۇرلۇقتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، قوغدىنىش كىيىمى، بىر قېتىملىق مىكروبسىزلاندۇرۇش كاۋچۇك تاشقى كېسەللىكلەر پەلىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاپرېل چۈشتىن كېيىنگە قەدەر، كرودىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 1600 گە يەتكەن بولۇپ، 23 ئادەم قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ