ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ئوردېن بەردى

2020.04.13 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ۋېنېسۇئېلا پايتەختى كاراكاستا، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئوردېن بېرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىدىغان ئايروپىلانغا چىقماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى سەككىز كىشى ۋېنېسۇئېلانىڭ يۇقۇمقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتتى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ۋېنېسۇئېلادىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئايرودۇرۇمدا مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا «فرانسىسكو دې مىراندا» 2- دەرىجىلىك ئوردېنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ