خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىتالىيە ھەق تەلەپ قوغداش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى بورېلنىڭ 12-ئاپرېل دېيىشىچە: شۇ كۈنى سائەت 18 گىچە، ئىتالىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 156 مىڭ 363 كە يەتكەن، 19 مىڭ 899 ئادەم قازا قىلغان، 34 مىڭ 211 بىمار ساقايغان.
بورېل شۇ كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئىتالىيەدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 4092 نەپەر ئاشتى، ئۆلگەن بىمار سانى 431 نەپەر ئاشتى، ساقايغان بىمار سانى 1677 نەپەر ئاشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى لومباردى چوڭ رايونىدا يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، ئەمەلىي يۇقۇملانغانلار سانى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 12- ئاپرېلغىچە، لومباردى چوڭ رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 59 مىڭ 52 نەپەر بولۇپ، ئىتالىيە بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانىنىڭ %37.8 نى ئىگىلىگەن.
يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىتالىيە 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە «شەھەرنى قامال قىلىش» ھالىتىگە كىردى، 3-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك دۇكىنى ۋە دورىخانىلاردىن باشقا بارلىق دۇكانلارنى تاقىدى، 3-ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلاپ بارلىق باغچا ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنى تاقىدى. ئىتالىيە شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرىنى ئىككى قېتىم ئۇزارتتى، نۆۋەتتە شەھەرنى قامال قىلىش تەدبىرى 5-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ