مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جونس خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 550 مىڭدىن ئاشتى، دېدى

2020.04.13 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 12-ئاپرېل ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 550 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىسىم ۋاقتى 12- ئاپرېل سائەت 17 دىن 30 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 13-ئاپرېل سائەت 5 تىن 30 مىنۇت) ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 550 مىڭ 16 گە يەتكەن، 21 مىڭ 733 ئادەم ئۆلگەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نيۇيورك ئىشتاتى ئامېرىكا بويىچە يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 189 مىڭ 20گە يەتكەن، 9385 بىمار ئۆلگەن؛ يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 61 مىڭ 850 كە يەتكەن، 2350 بىمار ئۆلگەن. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 20 مىڭدىن ئاشقان ئىشتاتلاردىن يەنە مىچىگان ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى، كالېفورنىيە ئىشتاتى، ئىللىنوئىس ئىشتاتى ۋە لۇئىسئانا ئىشتاتى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ