رۇسىيەدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى سانى 10 مىڭدىن ئاشتى

2020.04.10 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا يولۇچىلار ماسكا تاقاپ سەپەرگە چىقتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابى تور بېكىتىنىڭ 9-ئاپرېلدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 24 سائەتتە رۇسىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى سانى يېڭىدىن 1459 كىشى كۆپەيگەن بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 131 كە يەتكەن؛ ئۆلگەنلەر سانى يېڭىدىن 13ى كۆپىيىپ، جەمئىي ئۆلگەنلەر سانى 76 گە يەتكەن؛ جەمئىي 698 ئادەم داۋالاپ ساقايتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ