مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەنگلىيەدىكى يۈك ئاپتوموبىلى پاجىئەلىك ۋەقە دېلوسىدىكى شوپۇر جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى

2020.04.10 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ئېسسېكس ۋىلايىتى ساقچىلىرى 8- چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلتۇر 10- ئايدا بۇ ۋىلايەتتە يۈز بەرگەن يۈك ئاپتوموبىلى پاجىئەسىگە چېتىشلىق شوپۇرنىڭ شۇ كۈنى سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى مورىس روبىنسون شۇ كۈنى كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق، لوندونغا جايلاشقان مەركىزىي جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ سوت ئېچىپ سوت قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئائىت 39 تۈرلۈك جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

  ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بىر دېلودىكى بىر قانچە جاۋابكارمۇ شۇ كۈندىكى سوتنى قوبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشنى رەت قىلغان. روبىنسون ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيەدىن كەلگەن بولۇپ، دېلو يۈز بەرگەن كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇ شۇ سوتتا سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، بىرلىكتە ئادەم ئېلىپ يۆتكەش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش ۋە پۇل يۇيۇشقا ياردەملىشىش قاتارلىق 39 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى. ئەنگىلىيە ساقچىلىرى بۇلتۇر 10- ئاينىڭ 23- كۈنى ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىمدىكى ئېسسېكس ۋىلايىتىدىكى بىر سانائەت رايونىدىكى بىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن 39 جەسەتنى بايقىغان ئىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساقچىلار ئۇ قازا قىلغانلارنىڭ ۋىيېتنام پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ