مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

IMFنىڭ باش لىدىرى مۇنداق دېدى: بۇ يىل، يەر شارى بويىچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىكى چوڭ كاساتچىلىق يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئىقتىسادىي ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ

2020.04.10 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF)نىڭ باش لىدىرى گرېنكىيېۋا 9- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 2020- يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۆرسەتكۈچى مەنپىي يۆنىلىش بويىچە ئېشىشقا يۈزلىنىدۇ.IMF نىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىكى چوڭ كاساتچىلىقتىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئىقتىسادىي ئاقىۋەت يۈز بېرىدۇ.

  گرېنكىيېۋا شۇ كۈنى IMF بىلەن دۇنيا بانكىسىنىڭ بىرلىشىپ ئاچقان يىراق مۇساپىلىك ئەتىيازلىق يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم ئىلگىرىكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر مەيدان كىرىزىس بولۇپ، ئۇ «چاقماق كەبى» سۈرئەت ۋە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان كۆلەم بىلەن يەر شارى جەمئىيىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرماقتا، كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە داۋاملىشىش ۋاقتى جەھەتتە يەنىلا ئىنتايىن زور ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلمەكتىمىز.

  گرېنكىيېۋا مۇنداق دېدى: پەقەت ئۈچ ئاي ئىلگىرىلا،IMF بۇ يىل IMF ئەزالىرى ئىچىدە 160تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ مۇسبەت يۆنىلىشتە ئېشىشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى، ئەمما ھازىر IMF بۇ يىل 170 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ مەنپىي كنىلىشتە ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. IMF كېلەر ھەپتە يېڭى بىر سانلىق «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى»نى ئېلان قىلىدۇ.

  گرېنكىيېۋا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر يۇقۇم بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پەسەيسە، ھەمدە ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرسا ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەت قايتا باشلانسا، 2021- يىلى قىسمەن رايۇنلاردا ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ جەھەتتىكى ئىستىقبالدا زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ