مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 1 مىليون 280 مىڭغا يەتتى

2020.04.08 18:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاپرېل، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدىكى 78- قارارلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 10 (بېيجىڭ ۋاقتى 7- چېسلا سائەت 16)غىچە، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 1 مىليون 279 مىڭ 722گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 68 مىڭ 766 بىمار كۆپەيگەن؛ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 614 بولۇپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 5020 كىشى كۆپەيگەن.

  جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى بىر مىليون 196 مىڭ 651گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 68 مىڭ 700 بىمار كۆپەيگەن؛ جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 69 مىڭ 274 بولۇپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 5020 كىشى كۆپەيگەن.

  4- ئاينىڭ 7- كۈنى دۇنيا سەھىيە كۈنى. دۇنيا سەھىيە كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيادىكى بارلىق تېببىي سەھىيە خىزمەتچىلىرىگە، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆرەش قىلىۋاتقان تېبىي خادىملارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي ئالدىنقى كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز تېبىي خادىملارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، بولۇپمۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۆرەش قىلىۋاتقان تېبىي خادىملارغا ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمىز. تېبىي خادىملار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا مەركەزلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، غايەت زور قۇربانلىقلارنى بەردى. بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى بىمارلارنى داۋالاش ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز ۋە ئېھتىرام بىلدۈرۈشىمىز، ئۇلارنىڭ يۇقۇمنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كونترول قىلىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ