ئىراقتا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 1000دىن ئاشتى

قاتتىق تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، يۇقۇم كونترول قىلىنماقتا

2020.04.08 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادتا تارتىلغان قۇرۇق كۆۋرۈك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراقتا ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلاردىن 70 بىمار كۆپىيىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 1031غا يەتتى. ئىراق ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، مەكتەپلەردە دەرس توختىتىش، يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى توختىتىش، بىر قىسىم دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى توختىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى ھەمدە مەملىكەت بويىچە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش مۇددىتىنى 4- ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە ئۇزارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ