يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر ئۈندىدار توپىدا خاتىرىلەنگەن ھېكايىلەر

2020.04.07 18:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان پېدرو شەھىرىدە، جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇق پىدائىيلار ئىئانە قىلغان بۇيۇملارنى بىر ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ بەردى. «تولۇن ئاي مىڭ چاقىرىمدا بولسىمۇ، ھەممە يىلتىزداش بولۇش». بۇ، 2- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېستىن جۇڭگونىڭ خۇبېي قاتارلىق جايلىرىغا جىددىي تارقىتىلىدىغان 100 ساندۇققا قالدۇرۇلغان سۆز، ساندۇقتا 2500 يۈرۈش كەسپىي داۋالاش مۇداپىئە كىيىمى بار. «جۇڭگولۇقلار مەھەللىسىدىن كەلگەن مۇھەببەت ۋە قوللاش.» بۇ 3- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا لوس ئانژېلېس شۇ جايدىكى ئاپپاراتلارغا ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالىرى ئۈستىدە قالدۇرۇلغان سۆز، ئىئانە قىلىنغان بۇيۇملار 80 مىڭغا يېقىن ماسكا ۋە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە قەغىزى ۋە پەلەي قاتارلىق بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىنچ ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىغا يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلغان جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى لوس ئانژېلېس پالوس ۋېردىس رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە بىر ئۈندىدار توپىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، كۆپچىلىك توپ ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە ئۆز كۈچ قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ