گېرمانىيەدە يۇقۇمغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 95 مىڭدىن ئاشتى

2020.04.07 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاينىڭ 6- كۈنى، گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا بىر ئايال ئېغىز-بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ سەپەرگە چىقتى. گېرمانىيە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئورگىنى روبېرت كوخ تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 0 (بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 6) گىچە، گېرمانىيەدە يۇقۇمغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 95 مىڭ 391 كە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 3677 بىمار كۆپەيگەن، جەمئىي 1434 ئادەم ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ